باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، ۋاڭ چىشەن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى

2018.06.20 15:10   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6–ئاينىڭ 19–كۈنى شۇ كۈنى بېيجىڭغا كېلىپ جۇڭگودىكى زىيارىتىنى باشلىغان چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو–چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى توغرىسىدا سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىردەك جۇڭگو–چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى يۈزلىنىۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىز شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۇقكى، يولداش كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن سىنگاپوردا مۇھىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، يېرىم ئارالنىڭ ئۇزاققىچە تىنچ تۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدا پىرىنسىپال ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىجابىي نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ. يولداش كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇننىڭ جۇڭگوغا مەخسۇس زىيارەتكە كېلىشى جۇڭگو–چاۋشيەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، مەن بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، مەن يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن ئۈچ قېتىم ئۇچراشتىم، بۇ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، جۇڭگو–چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە ئاچتى. جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتى جۇڭگو-چاۋشيەننىڭ دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە مەيلى قانداق ئۆزگىرىش بولسۇن، جۇڭگونىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو–چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش قەتئىي مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ چاۋشيەن خەلقى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك چاۋشيەننى قوللىشى ئۆزگەرمەيدۇ. مەن يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو–چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى مەۋقەنى دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇپ، دۇنياغا نەزەر تاشلاپ، دادىللىق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىپ، ئۆز – ئۆزىنى يېڭىلاپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. بىز شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۇقكى، چاۋشيەن خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا قويۇشتەك زور قارارنى چىقاردى، چاۋشيەن سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى تارىخىي باسقۇچقا كىردى. بىز چاۋشيەننىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىنى قوللايمىز، چاۋشيەننىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايمىز.

  كىم جوڭئۇن ئارىدىن ئۇزاق ۋاقىت ئۆتمەيلا باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو چاۋشيەننىڭ ئۇلۇغ دوستانە قوشنىسى، يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ بىز ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ئىشىنىدىغان ئۇلۇغ رەھبەر. يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگونىڭ پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىنىڭ ئىزچىل مەن ۋە چاۋشيەننىڭ پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىگە سەمىمىي دوستانە بولغانلىقى ۋە بىزنى ياخشى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. مەن ئەمگەك پارتىيەسىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە چاۋشيەن خەلقىنى يېتەكلەپ، مەن بىلەن يولداش باش شۇجى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەستايىدىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇزۇلماس چاۋشيەن-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر