باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۈپىتى ئۆسۈپ، ئۈنۈمى ئېشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى

___ دۆلەت ئۇچۇر مەركىزى ئىقتىسادىي مۆلچەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۈەنخۇڭنى زىيارەت

2018.06.20 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئۇچۇر مەركىزى ئىقتىسادىي مۆلچەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۈەنخۇڭ مۇنداق دېدى: 5-ئايلىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش كۆرسەتكۈچىدىن قارىغاندا، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىش مۇقىملىقى كۈنسېرى ئاشقان، شۇنداقلا تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە تەڭپۇڭلىشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تىرەك بولىدىغان پايدىلىق ئامىللار ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن.

  ۋاڭ يۈەنخۇڭ مۇنداق دېدى: تەمىنلەش جەھەتتىن قارىغاندا، ئىشلەپچىقىرىش مۇقىم ھالەتنى ساقلىدى، كەسىپلەر قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى.

  مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئېشىش سۈرئىتى باشتىن-ئاخىر ئالدىدا ماڭدى. بۇ يىل ئالدىنقى بەش ئايدا، مەملىكەت بويىچە كۆلەملىك سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقىدىن %6.9 ئېشىپ، 1-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بىلەن تەڭلىشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى؛ مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى بۇلتۇرقىدىن %8.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئىنت تېز بولدى ۋە ئايلىق كۆرسەتكۈچى ئۇدا بەش ئاي %8تىن يۇقىرى ھالەتنى ساقلىدى.

  سانائەتنىڭ ئىلغارلىشىش قەدىمى تېزلىدى. 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقىدىن %12، جابدۇقچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى %9.3 ئېشىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۆلەملىك سانائەتتىن 5.1 پىرسەنت پوئىنت ۋە 2.4 پىرسەنت پوئىنت يۇقىرى بولدى. يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر بىلەن جابدۇقچىلىق قوشۇلما قىممىتىنىڭ كۆلەملىك سانائەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %12.9 ۋە %32.3 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.8 پىرسەنت پوئىنت ۋە 0.3 پىرسەنت پوئىنت ئاشتى.

  تەمىنلەش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. 5-ئايدا، ئۇچۇر يەتكۈزۈش، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىكىدە %30تىن يۇقىرى تېز سۈرئەتتە ئېشىش ھالىتى كۆرۈلدى، ئىجارە ۋە سودا مۇلازىمەتچىلىكى ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىشنى ساقلىدى، يېڭى كەسىپلەر بىر قەدەر تېز ئاشتى. 5-ئايدا يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقىدىن %56.7 ئاشتى، سانائەت ماشىنا ئادىمىنىڭ %35.1 ئېشىپ، ئىستمال دەرىجىسىنىڭ ئۆسىشىگە ماس كېلىدىغان يېڭى مەھسۇلاتلارنىڭ بازارغا سېلىنىشى تېز بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر