باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3- قېتىملىق يىغىنىدا نۇرغۇن قانۇن لايىھەلىرى قاراپ چىقىلدى

شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش ئۆلچىمى ئايدا 3500 يۈەندىن 5000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ

2018.06.20 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى تۈزىتىلمىسىنىڭ لايىھەسى تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىلدى

  شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش ئۆلچىمى ئايدا 3500 يۈەندىن 5000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-ئىيۇن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 3-قېتىملىق يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنى تۈزىتىلمىسى(لايىھە)» قاراپ چىقىلدى. مالىيە مىنىستىرى ليۇ كۈن چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: لايىھەدە خەلقنىڭ ئىستېمال چىقىم سەۋىيەسىنىڭ ئېشىشى قاتارلىق ھەر خىل ئامىللار ئۇنىۋېرسال ئويلىنىلىپ، مائاش، ئىش ھەققى، ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققى، قەلەم ھەققى قاتارلىق تاپاۋەتلەردىن ئاساسىي خىراجەتنى چىقىرىۋېتىش ئۆلچىمى 5000 يۈەن/ئاي(60 مىڭ يۈەن/يىل)غا ئۆستۈرۈلدى. بۇ ئۆلچەمگە باج نىسبىتى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا، مائاش، ئىش ھەققى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال تاپاۋەت قىلىدىغان باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج يۈكى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يېنىكلەيدۇ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ باج يۈكى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ، بۇ ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.

  لايىھەدە باج تاپشۇرغۇچىلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، خەلقئارا ئادەتتىن ئۈلگە ئېلىنىپ، كىرگۈزۈلگەن ئاھالە شەخسىي باج تاپشۇرغۇچى ۋە ئاھالە ئەمەس شەخسىي باج تاپشۇرغۇچى دېگەن ئۇقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، شۇنداقلا جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە تۇرغان ۋاقتى ئاھالە شەخسىي باج تاپشۇرغۇچى بىلەن ئاھالە ئەمەس شەخسىي باج تاپشۇرغۇچىنى ئايرىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىندى، باج ئېلىش بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ھازىرقى بىر يىلغا توشقان-توشمىغانلىق ئۆلچىمى 183 كۈنگە تەڭشىلىپ، دۆلەتنىڭ باج ھوقۇق-مەنپەئەتى قوغدالدى.

  ھازىرقى شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىدا تۈرگە ئايرىپ باج ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، باج ئېلىنىدىغان تاپاۋەت 11 تۈرگە ئايرىلىپ، ئوخشاش بولمىغان باج ئېلىش چارىسى يولغا قويۇلىدۇ. لايىھەدە ھازىرقى باج ئېلىش-باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە يانداش شەرت قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، مائاش، ئىش ھەققى تاپاۋىتى، ئەمگەك-مۇلازىمەت ھەققى تاپاۋىتى، قەلەم ھەققى تاپاۋىتى، ئالاھىدە ئىجازەتلىك ھوقۇقتىن پايدىلىنىش ھەققى قاتارلىق تۆت تۈرلۈك ئەمگەك خاراكتېرلىك تاپاۋەت ئۇنىۋېرسال باج ئېلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، بىر تۇتاش ئاشقان تاپاۋەتتىن ئېلىنىدىغان ئاشۇرما باج نىسبىتى تەتبىقلىنىپ، ھازىرقى مائاش، ئىش ھەققى تاپاۋىتى باج نىسبىتى ئاساسىدا، ئاي بويىچە باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى يىل بويىچە ھېسابلاشقا تەڭشىلىدۇ، شۇنداقلا قىسمەن باج نىسبىتىنىڭ دەرىجە ئارىلىقى ئەلالاشتۇرۇلۇپ تەڭشىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر