باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2018.06.21 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 20-ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ چېگرا سىرتىدا بازارغا سېلىنغان يېڭى دورىلارنى تەستىقلاشنى تېزلىتىش، راكقا قارشى دورىلارنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قىس، كەمچىل دورىلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش بېكىتىلدى؛ «داۋالاش ماجىراسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش نىزامى(لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۇختا، نېيترال پۇل سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرىكەتچانلىقنىڭ مۇۋاپىق، يېتەرلىك بولۇشى ۋە پۇل مۇئامىلىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاپ، سىياسەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ھالىتىنى مۇستەھكەملەپ، بازار ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىپ، بىر قەدەر تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە ئايلىنىشىنى ساقلاش كېرەك. يىغىندا كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىش تەدبىرلىرى بېكىتىلدى: بىرىنچى، كىچىك-مىكرو كارخانىلار ۋە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»غا ياردەم بېرىدىغان تەكرار قەرز ئېلىش، تەكرار دىسكونت قىلىش نورمىسى ئاشۇرۇلۇپ، تەكرار قەرز پۇلنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىدۇ. باھالاش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يەككە مۇئامىلىدار ئىناۋەت ئومۇمىي سوممىسى 10 مىليون يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىچىك-مىكرو كارخانىلار قەرزىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ھەر خىل قەرزنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، قەرز پۇل قالدۇقى بار ئىسچوتلار بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى سەۋىيەدىن يۇقىرى بولىدۇ. ئىككىنچى، بۇ يىل 1-سېنتەبىردىن 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىچىك-مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قەرز پۇل ئۆسۈمى كىرىمىدىن قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىنمايدۇ، يەككە مۇئامىلىدار ئىناۋەت سوممىسىنىڭ يۇقىرى چېكى 1 مىليون يۈەندىن 5 مىليون يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ. دۆلەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك فوندىنىڭ كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى قوللايدىغان كېپىللىك سوممىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %80تىن تۆۋەن بولمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، يەككە مۇئامىلىدار ئىناۋەت سوممىسى 5 مىليون يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلى ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەر، كىچىك-مىكرو كارخانا ئىگىلىرىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قەرز پۇل كېپىللىك سوممىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %50 تىن تۆۋەن بولمايدۇ. ئۈچىنچى، پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا قەرز پۇلى بەرگەندە ۋەدە ھەققى، مەبلەغنى باشقۇرۇش ھەققى ئېلىشى مەنئى قىلىنىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ قوشۇمچە خىراجىتى ئازايتىلىدۇ. تۆتىنچى، بانكىلارنىڭ كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ بازىرىنى كېڭەيتىپ، تەييارلىق فوند نىسبىتىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىش قاتارلىق پۇل سىياسىتى قورالىدىن پايدىلىنىپ، كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ كىرېدىت تەمىنات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كېلىشىم ئىمزالانغان قەرزنى پايغا ئايلاندۇرۇش تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشىگە مەدەت بېرىلىدۇ. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلە كەسپى بۆلۈمى تەسىس قىلمىغان بانكىلارنىڭ مەھەللە، كىچىك-مىكرو كارخانىلاردا تارماق بانكا ئېچىشى رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ. بەشىنچى، يەككە مۇئامىلىدار ئىناۋەت سوممىسى 5 مىليون يۈەن ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ قەرزى ئوتتۇرا مەزگىللىك قولاي قەرز لاياقەتلىك رەنە بۇيۇمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر