باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەدبىرنى جايىدا يولغا قويۇپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى

ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلىدىغان ئاساسلىق بۇلغىمىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئازايتىلىدۇ

2018.06.21 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 20-ئىيۇن ئۆتكۈزگەن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاۋ يىڭمىن مۇنداق دېدى: «كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى» گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، يېقىندا بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلىدۇ. ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنىڭ باش نىشانى: ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق ئاتموسفېراغا قويۇپ بېرىلىدىغان ئاساسلىق بۇلغىمىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، بۇنىڭغا ماس ھالدا پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش، PM2.5نىڭ قويۇقلۇقىنى يەنىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىش، ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانىنى كۆرۈنەرلىك ئازلىتىش، مۇھىت ھاۋا سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش، خەلقنىڭ كۆك ئاسمان بەخت تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

  ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى ئۈچ بۆلەك، 10 تارماق، 39 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرگە ئايرىلغان، ئومۇمىي ئويى «تۆتتە تۆت بولۇش»، يەنى تۆت مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تۆت قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، تۆت تىرەكنى كۈچەيتىش، تۆتتە كۆرۈنەرلىك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. تۆت مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش: نۇقتىلىق مۇداپىئەلىنىپ كونترول قىلىنىدىغان بۇلغاش ئامىلى PM2.5، نۇقتىلىق رايون بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى، چاڭجياڭ دېلتىسى ۋە فېنخې - ۋېيخې تۈزلەڭلىكى، نۇقتىلىق مەزگىل كۈز بىلەن قىش، نۇقتىلىق كەسىپ ۋە ساھە پولات-تۆمۈر، ئوت ئېلېكتىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق كەسىپلەر شۇنداقلا «تارقاق، قالايمىقان، مەينەت» كارخانىلار، پارچە كۆمۈر، دىزېل يۈك ئاپتوموبىلى، چاڭ-توزان قاتارلىق ساھەلەرنى كۆرسىتىدۇ. تۆت قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، تىرانسپورت قۇرۇلمىسى، يەر ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. تۆت تىرەكنى كۈچەيتىش مۇھىت ئاسراش قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش، رايونلار ئارا بىرلەشمە مۇداپىئە، بىرلەشمە كونترول قىلىش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەشۋىقات يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىشنى كۆرسىتىدۇ. تۆتتە كۆرۈنەرلىك بولۇش، PM2.5 قويۇقلۇقىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىش، ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانىنى كۆرۈنەرلىك ئازلىتىش، مۇھىت ھاۋا سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاش، خەلقنىڭ كۆك ئاسمان بەخت تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىشنى كۆرسىتىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر