خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 20-ئىيۇن خەلق سارىيىدا نېپال زۇڭلىسى ئولى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نېپال ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان دوستانە قوشنا دۆلەت. جۇڭگو بىلەن نېپال دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، باشتىن-ئاخىر تىنچ بىللە ئۆتۈشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى.جۇڭگو تەرەپ نېپال تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، نېپال تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلىكىنى قوغدىشىنى، نېپال تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللىشىنى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا قوللايدۇ، نېپالنىڭ تەرەققىيات نىشانىغا بالدۇرراق يېتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر جۇڭگو-نېپال مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كەلمەكتە. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، تىنچ بىللە ئۆتۈشنىڭ بەش پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى، كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو-نېپال مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭگو-نېپال مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.جۇڭگو تەرەپ نېپال تەرەپ بىلەن«بىر بەلباغ، بىر يول»رامكىسىدىكى ئۇل ئەسلىھە ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش، ئىقتىساد-سودا، سېلىنما قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ۋەزىيەت بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ ئادىمىيەت ھەمكارلىقىدا يېڭى يارقىن نۇقتا يارىتىپ، جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ دوستانە ئەلرايى ئاساسىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك .قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ھالقىغان جىنايەتكە ئورتاق زەربە بېرىپ، جۇڭگو-نېپال ئورتاق خەۋپسىزلىكىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن نېپال خەلقئارا زور مەسىلىلەردىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى