باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كومپيۇتېر ئويۇنلىرى ئاپپاراتى قاتارلىق 19 خىل مەھسۇلاتقا ئەمدى مەجبۇرىي ھالدا مەھسۇلات ئىسپاتى بېرىش تەلەپ قىلىنمايدۇ

2018.06.20 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، دۆلەتلىك دەلىللەش كومىتېتى يېقىندا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، مەجبۇرىي ھالدا مەھسۇلات ئىسپاتى بېرىش (يەنى CCCئىسپاتى بېرىش) مۇندەرىجىسىنى ۋە يولغا قويۇش ئۇسۇلىنى تەڭشەش، ھەمدە ئىسلاھ قىلىشنى قارار قىلدى. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا، بۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈنىدىن باشلاپ، كومپيۇتېر ئويۇنلىرى ئاپپاراتى، موتوسىكلىت موتورى، ئاپتوموبىللارنىڭ ئوغرىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى، ئاپتوموبىل يېقىلغۇ باكى قاتارلىق 19 خىل مەھسۇلاتقا مەجبۇرىي ھالدا مەھسۇلات ئىسپاتى بېرىش تەلەپ قىلىنمايدۇ، دېيىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، تۆۋەن بېسىملىق يۈرۈشلەشكەن ۋېكليۇچاتىل ئۈسكۈنىسى، كىچىك قۇۋۋەتلىك موتور قاتارلىق مەھسۇلاتلارغا كارخانىلارنىڭ ئۆزى بايانات ئېلان قىلىپ باھالاش ئەندىزىسىنى قوشۇپ قويسا بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار بېكىتىلگەن ئىسپات بەرگۈچى ئاپپاراتلارنى ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئىسپات بېرىشكە تاللىسا بولىدۇ، يەنە «مەجبۇرىي ھالدا مەھسۇلات ئىسپاتى بېرىشتە ئۆزى بايانات ئېلان قىلىپلا ئىشلىتىشكە بولۇش قائىدىسى»گە ئاساسەن، ئۆزى بايانات ئېلان قىلىپ قويۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مەھسۇلاتلارنىڭ داۋاملىق تۈردە مەجبۇرىي ھالدا مەھسۇلات ئىسپاتى بېرىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىسىلا كۇپايە قىلىدۇ.

  دۆلەتلىك دەلىللەش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئىسلاھات تەدبىرى بازار ئىجازىتى تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە بازار سۇبيېكتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر