خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك زىمىن بايلىقى كومىتېتى، تۇڭجۇ رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «بېيجىڭ شەھىرى قوشۇمچە مەركىزىنىڭ كونترول قىلىش خاراكتېرلىك تەپسىلىي يىرىك پىلانى (كوچا قاتلىمى)» لايىھە نۇسخىسىنى تۈزۈشنىڭ تاماملانغانلىقىنى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر-يېزا يىرىك پىلانى قانۇنى»، «بېيجىڭ شەھەرلىك شەھەر-يېزا پىلانلاش نىزامى»غا ئاساسەن، يىرىك پىلان لايىھەسىنىڭ 6-ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىپ، ئاممىدىن پىكىر-تەكلىپ ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
سۈرەتتىكىسى بېيجىڭ شەھەرلىك زىمىن بايلىقى كومىتېتى تەمىنلىگەن بېيجىڭ شەھىرى قوشۇمچە مەركىزىنىڭ بېييۈن دەرياسى قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئۈنۈم خەرىتىسى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى