خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-ئىيۇن «دياۋيۈتەي» دۆلەت مېھمان سارىيىدا «دۇنيا باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى كومىتېتى»نىڭ ئالاھىدە يۇمىلاق ئۈستەل باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن دۆلەت ھالقىغان داڭلىق كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.يىغىنغا قاتناشقان كارخانىچلار ۋەكىللىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ«ئېچىۋېتىش. ھەمكارلىق. ئورتاق پايدا ئېلىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»، ئەقىل-پاراسەتتە يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل تەرەققىيات، دۇنيانى ئىدارە قىلىش قاتارلىق قارالمىلار توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئۇلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىگە بىر-بىرلەپ ئىنكاس قايتۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ دۇنياغا ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغىنىغا 40يىل بولدى. يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى شىركەتلەر جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇھىم قاتناشچىلىرى، شاھىدى، تۆھپە قوشقۇچىلىرى، نەپكە ئېرىشكۈچىلىرى بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە باغلىغان. 40يىلدا، جۇڭگودا غايەت زور ئۆزگۈرۈشلەر بولدى، جۇڭگو ئىقتىسادى سىجىل تېز سۈرئەتتە ئاشتى، 700مىليوندىن ئارتۇق كىشى ب د ت نىڭ ئۆلچىمى بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.
يېڭى مۇساپىگە نەزەر سالساق، بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە نىسبەتەن تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدۇق، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تەدبىر ئىكەنلىكىگە تېخىمۇ ئىشەندۇق.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 2017-يىلىدىن بۇيان، دۇنيا ئىقتىسادىدا مۇقىم ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى، بىراق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى يەنىلا ئاجىز بولۇپ، سودا قورۇقچىلىقى، يەككىچىلىك، نارودنىكلىق قاتارلىق ئىدىيىۋى ئېقىملار ئۈزلۈكسىز باش كۆتۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن خىرىس بارغانسېرى كەسكىنلەشتى. تەجرىبە- ساۋاقلارنى ئەستە تۇتۇش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتە، ئېچىۋېتىشنى مەڭگۈ توختاتماي، سۈپەتنى قوغلىشىش، ھەمكارلىقتا ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش، ئورتاق پايدا ئېلىشتا كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەش كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەت بىر يەر شارى كەنتى، ئۇنىڭدا نۆل يىغىندىلىق ئويۇن ئويناشقا بولمايدۇ، دۇنيانىڭ تەقدىرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق ئىگىلىشى، خەلقئارا قائىدىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر تەڭ تۈزىشى، دۇنيا ئىشلىرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق ئىدارە قىلىشى، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق بەھرلىنىشى كېرەك. جۇڭگو دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، تەرەپلەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچى تولۇق قېزىلىپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر خەلقىگە بەخت يارىتىلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» بېكىنمىچىلىك ئەمەس، بەلكى ئېچىۋېتىش ۋە سىغدۇرۇش؛ ئۇ جۇڭگونىڭلا رىتىمى ئەمەس، بەلكى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي خورى. بىز دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنى جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش نىشانىغا يېتىپ، تېخىمۇ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىمىز.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى