خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى 7-كۈنىگە قەدەم قويدى، A گۇرۇپپىدىكى ئۇرۇگۋاي كوماندىسى سۇئارىزنىڭ ئۇرغان توپى بىلەن 1:0 نەتىجىدە سەئۇدى ئەرەبىستان كوماندىسىنى يېڭىپ، ساھىبخان رۇسىيە كوماندىسى بىلەن بىرگە گۇرۇپپىدىن چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ھەم سۇئارىزنىڭ دۆلەت كوماندىسىغا ۋەكىل بولۇپ 100-مەيدان ئوينىغان مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ. B گۇرۇپپىدا، پورتۇگالىيە كوماندىسى كىرىستيانو رونالدونىڭ مۇسابىقە باشلىنىپ تۆت مىنۇت بولغاندا كىرگۈزگەن كاللا توپى بىلەن، 1:0 نەتىجىدە ماراكەش كوماندىسىنى يەڭدى. ئىسپانىيەمۇ ئوخشاش 1:0 نەتىجە بىلەن ئىران كوماندىسىنى يەڭدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى