باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ سوۋغاتلىق فىلىمى «ئەڭ ئاخىرقى بىر توپ» جۇڭگودا قويۇلىدۇ

2018.06.22 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە تەقدىم قىلىنغان رۇسىيە فىلىمى «ئەڭ ئاخىرقى بىر توپ» 6- ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ جۇڭگودا قويۇلىدۇ. بۇ فىلىمدە نامراتلاشقان پۇتبول چولپىنى بىلەن يېڭىياچى پۇتبول كوماندىسىنىڭ جاپانى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەش ھېكايىسى ئارقىلىق ئىگىلمەس-سۇنماس، مەڭگۈ باش ئەگمەس تەنتەربىيە روھى نامايان قىلىنغان.

  فىلىمنىڭ رېژىسسورى، قوشۇمچە باش رولچىسى دانىلا كوزلوۋسكى 21- ئىيۇن بېيجىڭدا فىلىمنى تونۇشتۇردى. فىلىمدە چىڭ تۇرۇش، ئېتىقاد ۋە شان- شەرەپ ھەققىدىكى بىر ھېكايە سۆزلەنگەن، شۇنداقلا چوڭقۇر ئاتا مېھرى نەپىس نامايان قىلىنغان بولۇپ، باش تېمىغا مەركەزلەشكەن ۋەقەلىك، كەسكىن زىددىيەت-توقۇنۇش ئارقىلىق شەخىس ۋە كوللېكتىپنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى نامايان قىلىنغان.

  دانىلا كوزلوۋسكى 1985-يىلى موسكۋادا تۇغۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى «ماتېلدا»، «ۋىكىڭ: شاھلار جېڭى» ، «ئوت دېڭىزى»، «قايناق ھېسسىيات»، «رىۋايەتلىك 17-نومۇر»، «قەدىمىي قەبرىدە ئېزىپ قېلىش» قاتارلىق كىنولارغا قاتناشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر