باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋىلىش ۋەكالەت ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش قانات يايدۇرۇلىدۇ

2018.06.22 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا، 7-ئايدىن 11- ئايغىچە مەملىكەت دائىرىسىدە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋىلىش ۋەكالەت ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مالىيە مىنىستىرلىقى 2015-يىلىدىن بۇيانقى مەملىكەت بويىچە بىرلىكتە قانات يايدۇرۇلغان تەكشۈرۈش ئەھۋاللىرىنى رەتلەپ، ۋەكالەت ئاپپاراتلىرى «قىزىل تىزىملىكى»نى ئېلان قىلىپ، قانۇن- بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلغان ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋىلىش ۋەكالەت ئاپپاراتلىرىغا ئىجابىي مەدەت بېرىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: جۇڭگو ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋىلىش تورى ۋە ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋىلىش تارماق تورىدا توردا تىزىملىتىشنى تاماملىغان ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋىلىش ۋەكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تىزىملىكى دائىرىسىدە، ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى شۇ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋىلىش ۋەكالەت ئاپپاراتلىرىنى ئىختىيارىي تاللاپ چىقىپ تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىدۇ. پىرىنسىپ جەھەتتىن يېقىنقى ئۈچ يىلدا تەكشۈرۈلگەن ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋىلىش ۋەكالەت ئاپپاراتلىرى تاللانمايدۇ. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش 2017- يىلى ۋەكالەتچىلىك قىلغان ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋىلىش تۈرلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، ھەر بىر ئاپپاراتتىن تاللاپ چىقىلغان تۈر بەشتىن كەم بولماسلىقى كېرەك. ئاممىۋى بايلىق سودا مەركىزىگە كىرىپ قانات يايدۇرغان ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋىلىش ھەرىكىتىدە، ئىختىيارى تاللاپ چىقىلغان تۈرلەر تەكشۈرۈلىدۇ. مالىيە مىنىستىرلىقى ئىختىيارى تاللاپ چىققان بېيجىڭ، چۇڭچىڭ، گۇاڭشى، خەينەن قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەردىكى 25 ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋىلىش ۋەكالەت ئاپپاراتىنى تەكشۈرۈدۇ. ھەر قايسى ئۆلكىلەر تەكشۈرۈش سانىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتسىمۇ، بىراق تاللاپ چىقىش تەكشۈرۈش نىسبىتى شۇ ئۆلكىنىڭ ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋىلىش ۋەكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ %25 تىدىن تۆۋەن، تاللاپ چىقىپ تەكشۈرۈش سانى پىرىنسىپ جەھەتتە 30 دىن ئاز بولسا بولمايدۇ.

  تەكشۈرۈش ئۆزىنى تەكشۈرۈش باسقۇچى، يازما تەكشۈرۈش باسقۇچى، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش باسقۇچى، بىر تەرەپ قىلىش، جازالاش باسقۇچى، يىغىنچاقلاپ دوكلات قىلىش باسقۇچى قاتارلىق بەش باسقۇچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر