باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك

لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتناشتى

2018.06.25 16:11   مەنبە: خەلق تورى

يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنى 22-ئىيۇندىن 23-ئىيۇنغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز تاشقى ئالاقە خىزمىتىدە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مىللىي گۈللىنىشكە مۇلازىمەت قىلىش، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا پائال قاتنىشىپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان دۇنيا ھەمراھلىق مۇناسىۋەت تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىشقا پايدىلىق شارائىت يارىتىش، تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى تۈرلۈك ئۆزگىرىش ئالدىدا، دۆلىتىمىز تاشقى ئالاقە خىزمىتىدە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قاينام- تاشقىنلىق بىلەن جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى ئىجادىي ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇرغۇن خەۋپ- خەتەر، سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، نۇرغۇن چوڭ ۋە قاتتىق جەڭدە غەلىبە قازىنىپ، نۇرغۇن چوڭ ئىش، قىيىن ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمەلىيەت جەريانىدا، بىز پايدىلىق تەجرىبە توپلىدۇق ۋە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇق، تاشقى ئالاقە خىزمىتىدە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇردۇق، ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچ ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى ساقلاشتا چىڭ تۇردۇق، دىپلوماتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇردۇق، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە دۇنياۋى ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇردۇق، دۆلەتنىڭ يادرولۇق ۋە زور مەنپەئىتىنى قوغداشتا چىڭ تۇردۇق، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ۋە ھوقۇق بىلەن مەنپەئەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇردۇق، تۆۋەن چەك تەپەككۇرى ۋە خەۋپ- خەتەر ئېڭىدا چىڭ تۇردۇق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·بېيجىڭدىكى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى قاراقاشتىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلدى
    ·شىنجاڭنىڭ 2018- يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى 6- ئاينىڭ 24- كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشتىكى مۇھىم نۇقتىلار
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى قوغداش 
    ·ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىدىغان 9 مىليون 750 مىڭ ئوقۇغۇچى ئۈچۈن مەدەت بېرىش ئۇسۇلى توردا مودا بولد…
    ·2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى كۆرۈنۈشلەر
    ·شىنجاڭدا بۇ يىل 207 مىڭ 400 كىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاتتى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پاش قىلىش تېلېفونىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2018-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانلىرى ھەققىدە توردا مەسلىھەت سوراش ‏ھەپتىلىكىن…
    ·نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىكرى ئوتتۇرى…