باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئورتاق ئىشارەت تىلى جەدۋىلى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ

2018.06.22 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «دۆلەت ئورتاق ئىشارەت تىلىدىكى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر جەدۋىلى» ۋە «دۆلەت ئەمالار ئورتاق يېزىقى لايىھەسى» دۆلەت تىل - يېزىق كومىتېتىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇش ئۆلچىمىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت تىل - يېزىق كومىتېتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تىل - يېزىق قائىدىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

  «دۆلەت ئورتاق ئىشارەت تىلىدىكى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر جەدۋىلى» ۋە «دۆلەت ئەمالار ئورتاق يېزىقى لايىھەسى» بولسا «دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تىل - يېزىق ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى يىرىك پىلانى پىروگراممىسى ( 2020 ~ 2012 )» ۋە «دۆلەت تىل - يېزىق ئىشلىرىنىڭ ‹13-بەش› يىللىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ تەلىپى بولۇپ، ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ تىل - يېزىق ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم تىل- يېزىق قائىدىسى ھېسابلىنىدۇ.

  دۆلىتىمىزدە 30 مىليوندىن ئارتۇق ئاڭلاش ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەر بار، ئىشارەت تىلى ۋە ئەمالار يېزىقى بولسا ئۇلار ئىشلىتىدىغان ئالاھىدە تىل-يېزىق بولۇپ، دۆلەت تىل - يېزىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. دۆلەت ئورتاق ئىشارەت تىلى ۋە ئەمالار يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش، مېيىپ ۋە ساغلام كىشىلەر ئارا ۋە رايونلار ئارا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مائارىپ، مەدىنىيەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنىڭ زۆرۈر شەرتى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر