باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللاردىن %20 تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالدى

2018.06.25 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 22-ئىيۇن، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللاردىن %20 تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەھدىت سالدى، بۇ ئىش بەلكىم ياۋروپا-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىختىلاپىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن.

  ترامپ شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تېرمىنالىدا خەت يېزىپ، ناۋادا ياۋروپا ئىتتىپاقى تېزدىن ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تاموژنا بېجى ۋە قورۇقچىلىقنى بىكار قىلمىسا، ئامېرىكا ياۋروپادىن ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللاردىن %20 تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ، نۆۋەتتە ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئېلىۋاتقان %2.5 لىك ئاپتوموبىل تاموژنا بېجىدىن خېلى كۆپ يۇقىرى. بۇنىڭ تەسىرىدە، ئاممىباپ، دەيملىر (BENZ) ۋە بۇمېر (BMW) قاتارلىق ياۋروپادىكى ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ فرانكفورت پاي بازىرىدىكى پېيىنىڭ باھاسى شۇ كۈنىلا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى.

  ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىمپورت ئاپتوموبىل ۋە ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىغا قارىتا «232 تەكشۈرۈشى»نى يولغا قويۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدا، نەچچە ئون يىللاردىن بېرى ئاپتوموبىللارنى ئىمپورت قىلىش سەۋەبلىك ئامېرىكىنىڭ ماشىنىسازلىق كەسپى ئاجىزلىشىپ كەتتى، دەپ قارالغان.

  ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ ئاخىرى ياكى 8-ئاينىڭ بېشىدا ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى تاماملايدىكەن ۋە 11-ئايدىن بۇرۇن ترامپقا تەدبىر مەسلىھەتىنى سۇنىدىكەن. بۇ بەلكىم ئامېرىكىنىڭ ئىمپورت ئاپتوموبىللارغا قارىتا تاموژنا بېجى قوشۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  ئۇنىڭدىن بۇرۇن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىمپورت پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا «232 تەكشۈرۈشى»نى يولغا قويغان ۋە ئاخىرىدا شۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلارغا قارىتا ئايرىم-ئايرىم %25 ۋە %10 تاموژنا بېجى قوشقان. بۇ ئىش ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكىلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان، ياۋروپا ئىتتىپاقى، كانادا، مېكسىكا قاتارلىق ئىقتىسادىى گەۋدىلەرنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ ئىمپورت قىلىنغان پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىنغا تاموژنا بېجى قوشۇشىغا قارىتا قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر