- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بىر ئايدا 400 نەچچە مىڭ كىشى ئىشسىز قالدى
كورېيەدە ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئىشسىزلار سانىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى
2018.06.25 15:07 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 23- ئىيۇن ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، كورېيەدە ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ئىشسىزلارنىڭ سانى بۇ يىل 5- ئايدا 402 مىڭ ئادەمگە يېتىپ، 2000- يىلىدىن بۇيانقى ئايلىق سانلىق مەلۇماتتىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.
ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ يىل 5-ئايدا، كورېيەدە ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئىشسىزلار سانى 402 مىڭ كىشى بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن 76 مىڭ كىشى ئاشقان. بارلىق 1 مىليون 120 مىڭ ئىشسىزلار ئىچىدە، تولۇق كۇرس ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئىشسىزلار %35.8نى ئىگىلىگەن. 2000- يىلى 5-ئايدا بۇ نىسبەت %14.2 ئىدى.
سانلىق مەلۇماتتا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، كورېيەدە بۇ يىل 5- ئايدا ئىشسىزلىق نىسبىتى %4 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.4 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. بۇ، كورېيەدە يېقىنقى 18 يىلدىن بۇيان ئىشسىزلىق نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئاي ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، 15 ياشتىن 29 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى %10.5 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.2 پىرسەنت پوئېنت كۆپەيگەن.
يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كورېيە كارخانا پىلانى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى كىم دوڭيې ئىشسىزلىق ئەھۋالى «كىشىنى چۆچۈتىدۇ»، دېدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر