6-ئاينىڭ 24-كۈنى، گۇاڭشى لىڭيۈن ناھىيەسى يۈخوڭ ياۋزۇ يېزىسى يۆفېڭ كەنتىدە تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشتى، قۇتقۇزۇش خادىملىرى نەق مەيداننى تازىلىماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردە، سىجىل ياغقان قاتتىق يامغۇر گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا كەلكۈن ئاپىتى پەيدا قىلدى، بەزى جايلاردا تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش، يامغۇر سۈيى يىغىلىپ قېلىش قاتارلىق گېئولوگىيەلىك ئاپەتلەر كۆرۈلدى. 6-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 17 گىچە، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا 95 مىڭ 800 كىشى ئاپەتكە ئۇچرىدى، ئۈچ كىشى ئاپەت سەۋەبلىك قازا قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى