باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

5-ئايدا مەملىكەت بويىچە 7200گە يېقىن ئادەم مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بىر تەرەپ قىلىندى

بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە- مىنىستىر دەرىجىلىك بىر كادىرمۇ بار

2018.06.25 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە 24-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى 5-ئايدا مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرى 4973 قېتىم بولغان بولۇپ، 7199 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك بىر كادىر، ۋىلايەت-نازارەت دەرىجىلىك 158 كادىر بار.

  بىر تەرەپ قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ خاراكتېرىدىن قارىغاندا، بەلگىلىمىگە خىلاپ تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق تارقىتىش مەسىلىسى 1215 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات قۇبۇل قىلىش 835 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش- ئىشلىتىش مەسىلىسى 795 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش 636 قېتىم، توي-تۆكۈن، دەپنە ئىشلىرىنى چوڭ ئۆتكۈزۈش 491 قېتىم، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىش 240 قېتىم، ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش 197 قېتىم، ھۆكۈمەت پۇلىغا چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش 11 قېتىم، باشقا مەسىلىلەر 553 قېتىم كۆرۈلگەن.

  2018-يىلى يىل بېشىدىن 31- مايغىچە، مەملىكەت بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرى 18 مىڭ 985 قېتىم بولۇپ، 27 مىڭ 99 ئادەم بىر تەرەپ قىلىنغان، 19 مىڭ 227 كىشى پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە جازالانغان.

  مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى ۋە مەركەز پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئايلىق دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورناتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر