باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگونىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، مەركەزنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى

2018.06.25 16:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 24- ئىيۇن جۇڭگونىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، مەركەزنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۈگەندى ۋە ئىزچىللاشتۇردى. دۆلەت كومىسسارى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىلمىي مەزمۇنى ۋە روھىي ماھىيىتى چوڭقۇر بايان قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق بارلىق ئەلچىلىرى شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيىسى بىلەن قوراللاندۇرۇلۇپ، ئەمەلىيەتنى يېتەكچىقىلىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ۋە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى تەلەپ قىلدى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ يېسۈي دىپلوماتىيە قوشۇنىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە كادىرلار قوشۇنىنى باشقۇرۇش، تاشقى ئىشلار خىزمىتى تۈزۈلمە-مېخانىزمى ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر ئۈستىدىن دوكلات بەردى.

  مەركەزدىكى دۆلەت ئورگانلىرى ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، جۇڭگونىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، باش ئەلچىلىك ئۇنۋانىدىكى باش كونسۇللار، خەلقئارا تەشكىلاتلاردا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېندا تۇرۇشلۇق مەھكىمىسىنىڭ خاس ۋەكىللىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بۆلۈمىنىڭ ئىچكى قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر