خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، مىللەتلەر خىزمىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەر، ئارمىيەمىزنىڭ زامانىۋى ئارقا سەپ قۇرۇلۇشىنىڭ رەھبەرلىك قىلغۇچىسى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 9-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باش ئارقا سەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى، ھەربىي ئىشلار پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق باشلىقى يولداش جاۋ نەنچىنىڭ جەسىتى 25-ئىيۇن بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى.
يولداش جاۋ نەنچى كېسەل سەۋەبىدىن 2018-يىلى 17-ئىيۇن سائەت 23 تىن 12 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 91 يېشىدا ۋاپات بولدى.
يولداش جاۋ نەنچىنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ھەم ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش جاۋ نەنچىنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى