باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.06.26 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.«ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، زامانىۋى دوختۇرخانا باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  بىرىنچى، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى پارتكومىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك

  (بىرىنچى) ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى دوختۇرخانا باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك. پارتكوم قاتارلىق دوختۇرخانا دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى باشقۇرۇش، تەدبىر بەلگىلەش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتەك رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش بىلەن شەخسلەر ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولۇش ئۆز ئارا بىرلەشكەن تۈزۈمنى يولغا قويۇپ، چوڭ مەسىلىلەرنى كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش، دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش، ئايرىم غۇلغۇلا قىلىش، يىغىندا قارار قىلىش پىرىنسىپى بويىچە پارتكوم كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقىرىشى، شۇنداقلا ئىش تەقسىماتى بويىچە تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە مۇستەقىل، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن يۈرگۈزۈشىنى قوللاش كېرەك. دوختۇرخانا باشلىقى دوختۇرخانا پارتكومىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدۇ.

  (ئىككىنچى) ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى پارتكومىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك

  1. پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تاكتىكىسى، پارتىيەنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنى، تېببىي دورا-سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى خاراكتېرىدە چىڭ تۇرۇپ، دوختۇرخانا ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنىڭ توغرا يۆنىلىشتە ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  2. دوختۇرخانا ئىسلاھاتىنىڭ تەرەققىياتى، مالىيە خام چوتى، نەق چوتى، «ئۈچ مۇھىم، بىر كۆپ»، ئىچكى تەشكىلىي ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىش ۋە داۋالاش خادىملىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە مۇزاكىرىلىشىش ۋە قارار قىلىش كېرەك؛

  3. پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسىگە ئاساسەن، دوختۇرخانا كادىرلىرىنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، تەيىنلەش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك؛

  4. پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دوختۇرخانىنىڭ ئىختىساسلىقلار خىزمىتىدىكى سىياسەت-تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرىلىشىپ قارار قىلىپ، ئادەم ئىشلىتىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەك؛

  5. ئىدىيەۋى-سىياسىي، ئىدېئولوگىيە ۋە تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالىيجاناب روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دوختۇرلۇق ئەخلاقى ۋە دوختۇرلۇق ئىستىلى، مەنىۋى مەدەنىيلىك ۋە دوختۇرخانا مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك؛

  6. دوختۇرخانىنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەسىس قىلىش ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشكىلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سىياسىي فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئاساسىي قاتلام دېموكراتىيە دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك؛

  7. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قوللاپ، دوختۇرخانىنىڭ پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك؛

  8. پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ فاڭجېن-سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؛

  9. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلات ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە قوللاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر