خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، جۇڭگولۇق ئاشپەز ئىتالىيەنىڭ رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن «لەنجۇ كالا گۆشى ئۈگرىسى بىلەن ئىتالىيە چۆپىنىڭ ئۇچرىشىشى» پائالىيىتىدە لەنجۇ ئۈگرىسى ئەتمەكتە.
شۇ كۈنى، «لەنجۇ كالا گۆشى ئۈگرىسى بىلەن ئىتالىيە چۆپىنىڭ ئۇچرىشىشى» ۋە لەنجۇ شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرىدە باشلاندى، جۇڭگو-ئىتالىيە ئىككى دۆلەتتىن كەلگەن ئاشپەزلەر پائالىيەت مەيدانىدا مۇسابىقىگە چۈشتى. ئۇندىن باشقا، لەنجۇ شەھىرى يەنە ئۆزگىچە ئويۇن كۆرسەتتى ۋە ئەل ئىچى قول ھۈنەر سەنئىتىنى نامايان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى