- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەنخۇي تەپتىش ئورگانلىرى سۇ سۇڭيوڭنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى
2018.06.26 16:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ مائەنشەن شەھەرلىك پارتكومىنىڭ سابىق دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۇ سۇڭيوڭ (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك)نىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بىر دېلو، ئەنخۇي ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈش ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، تەپتىش ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ تەكشۈرۈپ ئەيىبلەندى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئەنخۇي ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى سۇ سۇڭيوڭنى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى. ئەنخۇي ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بەلگىلەپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇ دېلو شۈەنچېڭ شەھىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈپ ئەيىبلەندى. بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ بىر تەرەپ قىلىنماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر