باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پىكىر ئېلان قىلدى

«ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ياخشى قىلىشنى قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك

2018.06.26 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ئىيۇن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشىمچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا «تەپتىش فۇنكسىيەسىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، <ئۈچ چوڭ جەڭ>نى ياخشى قىلىشنى قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىگە ئىگە قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، تەپتىش ئورگانلىرىدىن تەپتىش فۇنكسىيەسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەسەيتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۈچ چوڭ جېڭىنى ياخشى قىلىشنى ئەلا سۈپەتلىك قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى تۇڭ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەپتىش ئورگانلىرى زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە پەسەيتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى زىچ چۆرىدەپ، تەپتىش فۇنكسىيەسىنىڭ رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، پائال نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە پۇل مۇئامىلە، مۇھىت، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى يېڭى ئەندىزە، يېڭى كەسىپ، يېڭى مەھسۇلاتلارغا بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇر بولماسلىق، بەزى يېڭىچە كەسىپلەرگە بولغان قانۇنىي تونۇشى ئېنىق بولماسلىق، بەزى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى جازالاش ياكى جازالىماسلىقنى بىلمەسلىك، بۇ جىنايەت بىلەن باشقا جىنايەتكە توغرا ھۆكۈمەت چىقىرالماسلىق، قىسمەن مەسىلىلەردە نۇقسان ساقلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بۇ «پىكىر»نى چىقىرىپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ياخشى قىلىشقا پائال قاتنىشىش ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش يولىنىڭ ئۇسۇلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قانۇننىڭ بىر تۇتاش توغرا يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر