باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك

2018.06.26 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا زەھەر چەكلەش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئەۋزەللىك ۋە تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈزەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، ئاممىنى كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىپ، زەھەر مەسىلىسىنى تۈزەشتە جۇڭگوچە يولدا مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەت زەھەر چەكلەش كومىتېتى ۋە جايلار، ئالاقىدار تارماقلار مەركەزنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: زەھەر چەكلەش خىزمىتى دۆلەتنىڭ ئامانلىقى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، زەھەر بىر كۈن تۈگىتىلمەيدىكەن زەھەر چەكلەش كۈرىشىنى بىر كۈنمۇ بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. زەھەرگە چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، نۇقتىلىق رايونلارنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، زەھەر ياساش ۋە زەھەر ئەتكەسچىلىكى شايكىسى تورىنى قەتئىي بىتچىت قىلىپ، زەھەرگە چېتىشلىق مۇشتۇمزورلار ۋە ئۇلارنىڭ «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى چوڭقۇر قېزىپ چىقىپ، زەھەر مەسىلىسىنىڭ يامراش تۇپرىقىنى يوقىتىش كېرەك. ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا ياشلار، ئۆسمۈرلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىغا قارىتا زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىق-تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاڭلىق ھالدا زەھەرگە قارشى تۇرۇشتەك قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر