باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە-چاۋشيەن ھەربىي خەۋەرلىشىش لىنىيەسىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قارار قىلدى

2018.06.26 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە بىلەن چاۋشيەن 25-ئىيۇن كورېيە تەرەپتىكى كورېيە-چاۋشيەن چېگرادىن كىرىش-چىقىش ئىشلىرى مەھكىمىسىدە داشياۋ دەرىجىلىك ھەربىي تارماقلارنىڭ ئەمەلىي ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈپ، كورېيە-چاۋشيەن ھەربىي خەۋەرلىشىش لىنىيەسىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.

  كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، ئىككى تەرەپ: «پانمۇنجوم خىتابنامىسى»دىكى ھەربىي ساھەدە ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، كورېيە- چاۋشيەن ھەربىي تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى خەۋەرلىشىش لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جىددىي بولۇپ قالدى، يېرىم ئارالنىڭ شەرقىي-غەربىي دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ھەربىي خەۋەرلىشىش لىنىيەسىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك، دەپ قارىدى.

  ئىككى تەرەپ كېڭىشىش ئارقىلىق، ئالدى بىلەن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېرىم ئارالنىڭ غەربىي قىسم دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ھەربىي خەۋەرلىشىش لىنىيەسىنى نورماللاشتۇرۇشنى بېكىتتى. يېرىم ئارالنىڭ بىر قىسىم دېڭىز تەۋەلىكىدىكى خەۋەرلىشىش لىنىيەسى ئىلگىرى ئوت ئاپىتىدە كۆيۈپ كەتكەن بولغاچقا قايتىدىن ئېچىش زۆرۈر بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئېھتىياجلىق بولغان ماتېرىيال، ئۈسكۈنە ۋە قۇرۇلۇش ۋاقتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە داۋاملىق تېزدىن كېڭىشىدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە، داۋاملىق يازمىچە مەسلىھەتلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق خەۋەرلىشىش لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالاقىدار ئەمەلىي مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى.

  مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى، كورېيە- چاۋشيەن ئىككى تەرەپنىڭ پانمونجومدا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ھەربىي سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي-غەربىي دېڭىز تەۋەلىكىدىكى ھەربىي خەۋەرلىشىش لىنىيەسىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئىككى تەرەپنىڭ ئارىدىن 10 يىل ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن گېنېرال دەرىجىلىك ھەربىي ئىشلار سۆھبىتىنى قايتا قوزغىتىشى بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر