باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تاموژنا باش مەھكىمىسى زەھەر ئەتكەسچىلىك تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلدى

2018.06.26 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تاموژنا باش مەھكىمىسى بۈگۈن 2017- يىلىدىكى تاموژنىدا پاش قىلىنغان زەھەر ئەتكەسچىلىك تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ مىساللار مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: شيامېن تاموژنىسى قولغا چۈشۈرگەن زەھەر ئەتكەس قىلىش، توشۇش، سېتىش، مۇزسىمان زەھەر ياساش دېلوسى؛ چىڭداۋ تاموژنىسى قولغا چۈشۈرگەن 50 كىلوگىرام كوكائىن ۋە 18 كىلوگىرامغا يېقىن كوكائىننى ئەتكەس قىلىش دېلوسى؛ گۇاڭجۇ تاموژنىسى قولغا چۈشۈرگەن 10 كىلوگىرام مۇزسىمان زەھەر ئەتكەس قىلىش دېلوسى؛ نەننىڭ تاموژنىسى قولغا چۈشۈرگەن 7 كىلوگرام خىروئىن ئەتكەس قىلىش ۋە باشقا قورال، زەھەر توشۇش دېلوسى.

  بۇلتۇر مەملىكەت بويىچە بارلىق تاموژنىلار «شايكىلارنى يوقىتىش، تور ئالاقىسىنى بۇزۇش، يولىنى ئۈزۈش، زەھەر ئەتكەس كاتىباشلىرىنى تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، زەھەر ئەتكەسچىلىك جىنايىتى دېلولىرىدىن 575نى، زەھەر ياساش بۇيۇملىرى ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى دېلولىرىدىن 18نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. مۇزسىمان زەھەر، خىروئىن، كوكائىن قاتارلىق زەھەرلىك بۇيۇملاردىن 3282.7 كىلوگىرامنى، زەھەر ياسىغىلى بولىدىغان خىمىيەلىك بۇيۇملاردىن 62.2 توننىنى قولغا چۈشۈردى، زەھەرلىك بۇيۇملارغا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارىدىن 473نى قولغا ئالدى. زەھەر ئەتكەسچىلىكى جىنايەت شايكىسىدىن 48ى بىتچىت قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر