باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئون ئۆلكە، شەھەرگە بېرىپ «ھەيدەكچىلىك جېڭى» قىلىدۇ

ھەيدەكچىلىكتىن ئىبارەت ئۆتكۈر خەنجەرنى كۆتۈرۈپ، قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرايلى

2018.06.27 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مەركەز يېقىندا ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىن ئوننى قۇرۇپ، خېبېي، سەنشى، لياۋنىڭ، فۇجيەن، شەندۇڭ، خېنەن، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ، سىچۈەن قاتارلىق ئون ئۆلكە، شەھەرگە بېرىپ ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. مەملىكەت بويىچە قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 24-ئىيۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى، 335 ئەزا كۇرسقا قاتناشتى.

  مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇش

  ھەيدەكچىلىكنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا ئىگىلەش

  مەسىلىنى ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم مەسىلىنى توغرا ئىگىلەش ھەيدەكچىلىك خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى، شۇنداقلا ھەيدەكچىلىك خىزمىتىدە ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تۇتقا. بۇنىڭغا قارىتا، تەربىيەلەش كۇرسى «دىققەتنى ئۈچكە مەركەزلەشتۈرۈش» ئارقىلىق ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ھەيدەكچىلىك مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا ئىگىلىشىنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى:

  __ دىققەتنى تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇما ئەھۋالىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق جايلارنىڭ مەخسۇس كۈرەشنىڭ مۇھىملىقى، مۇشتۇمزورلارنىڭ زىيىنى، «چوڭ تازىلاش»نى ئۈزۈلمەي قانات يايدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە بولغان تونۇشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە ئىشخانىسى فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رەھبەرلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتتە كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىشى كېرەك.

  __ دىققەتنى چوڭقۇر قېزىپ، تەلتۆكۈس تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، رەزىل كۈچلەرنى يىلتىزىدىن يوقىتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق قارا-رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، ئاساسىي قاتلامدىكى «چىۋىن»نى يوقىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك. جايلارنى قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا قارا-رەزىللىككە چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك زەربە بېرىپ، سىياسىي قانۇن ئورگانلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ يىپ ئۇچلىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈم جەھەتتىن قارا-رەزىللىككە چېتىلىدىغان دېلولارنى تەكشۈرۈش بىر تەرەپ قىلىشنى «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى»نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش بىلەن تەڭ ئېلىپ بېرىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  ___ دىققەتنى ماھىيەتتىنمۇ، ھادىسىدىنمۇ تۈزەش ئەھۋالىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزۈشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، قارا-رەزىل كۈچلەر پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى ماھىيەتتىن تۈزەشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق تەشكىلات تارماقلىرىنىڭ ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى رەتكە سېلىش، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونومىيە، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىرلەشكەن زامانىۋى ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر