باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ يېقىندا پارتىيەگە كىرگەن كىنو سەنئەتكارى نيۇ بېنغا خەت يېزىپ، ئۇنى سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىشتا، ئادەم بولۇشتا داۋاملىق باشلامچى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىسىنىڭ ئېتىقادلىق، مېھىر- مۇھەببەتلىك، مەسئۇلىيەتچان كىشىلەردىن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى

2018.06.27 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا پارتىيەگە كىرگەن كىنو سەنئەتكارى نيۇ بېنغا يازغان خېتى

  يولداش نيۇ بېن:

  سىزنىڭ ياشانغان چېغىڭىزدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىپ، ئارزۇيىڭىزغا يەتكەنلىكىڭىزدىن خەۋەر تېپىپ، خۇشال بولدۇم. سىز پارتىيەنى ئانا ئورنىدا كۆرۈپ، پارتىيەگە كىرىشنى مۇقەددەس ئىش دەپ بىلىپ، 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، ھەققانىيەت يولىدىن قەتئىي قايتماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، ئۆمۈربويى پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنى ئىرادە قىپسىز، بۇنداق قەتئىي چىڭ تۇرۇش كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ.

  نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، سىز ئۆزىڭىزگە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە تەلەپ قويۇپ، خەلق ئۈچۈن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى كىشىلىك ھاياتتىكى نىشانىڭىز قىلىپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مول ھاياتىي كۈچكە، تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە كۆپلىگەن بەدىئىي ئوبرازلارنى يارىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ۋە تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتىڭىز. سىزنىڭ پارتىيە ئەزاسىغا خاس ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىڭىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىشتا، ئادەم بولۇشتا داۋاملىق باشلامچى بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىسىنىڭ ئېتىقادلىق، مېھىر-مۇھەببەتلىك، مەسئۇلىيەتچان كىشىلەردىن بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

  تېنىڭىزنىڭ سالامەت، تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

  شى جىنپىڭ

  2018-يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنى

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر