خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيى 26-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، ﻟﻰ ﻛﯧﭽﻴﺎڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا بېرىپ تەبرىكلىدى، ۋاڭ خۇنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى.
خەلق سارىيىنىڭ ئون مىڭ كىشىلىك زالى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستىگە «جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيى» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغانىدى، كەينى تەرەپتىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا ئېسىلغان ئىتتىپاق گېربى كۆزنى چاقنىتاتتى، قىپقىزىل ئون بايراق ئىككى تەرەپكە قويۇلغانىدى. 2-قەۋەت بالكونىغا «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت سەلتەنەتلىك ياشلىق باھارىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى يېزىپ قالدۇرايلى!» دېگەن خەتلەر يېزىلغان چوڭ لوزۇنكا ئېسىلغانىدى. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى 18-قۇرۇلتىيىنىڭ 1500 دىن كۆپرەك ۋەكىلى 81 مىليوندىن ئارتۇق ئىتتىپاق ئەزاسىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە يۈكلەپ يىغىنغا قاتناشتى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇز يېرىمدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يىغىن زالىغا كىرگەندە، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.
قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خې جۈنكې يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى جاكارلىدى. يىغىن مەيدانىدىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ دۆلەت شېئىرى بىلەن ئىتتىپاق شېئىرىنى ئوقۇدى.
ئارقىدىن، ئون پىيونېر يىغىنغا بولغان بېغىشلىمىسىنى ئوقۇدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كونا ئىنقىلابىي رايوندىن، بەزىلىرى ئاز سانلىق مىللەت رايونىدىن كەلگەن بولۇپ، بەزىلىرى تىرىشچان، ۋاپادارلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى، بەزىلىرى جامائەت پاراۋانلىقى، مۇھىت ئاسراش بويىچە ياخشى ئۆسمۈرلەر ئىدى. پىيونېرلارنىڭ ياڭراق ئاۋازى گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەپ، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشقا بەل باغلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشقا تەييارلىق قىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.
ۋاڭ خۇنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «يېڭى دەۋر شەرق شامىلى ئارقىلىق، ياشلىق ئارزۇسىنى قاناتلاندۇرايلى» دېگەن تېمىدا تەبرىك سۆزى قىلدى. ۋاڭ خۇنىڭ ئالدى بىلەن قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ياشلىرىدىن، بارلىق ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلار خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى