باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، مەركىزىي مەنىۋى مەدەنىيلىك ئىشخانىسى قاتارلىق توققۇز تارماق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېما قىلىنغان تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2018.06.26 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، مەركىزىي مەدەنىيلىك ئىشخانىسى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەملىكەت بويىچە شەھەر-يېزىلاردا ئاممىۋى باش تېمىلىق تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەش ئۈچۈن، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قويۇق ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىشنى قارار قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىش» ئاساسىي تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئاممىۋى خاراكتېرلىك تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋىتىشنىڭ ھېكايىسى ۋە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق شانلىق مۇساپىسى، ئۇلۇغ نەتىجىلىرى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى تولۇق نامايان قىلىپ، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي نەتىجىلەرنى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى تولۇق نامايان قىلىپ، كەڭ كادىر-ئاممىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ ۋە ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدەك جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر