باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيلى

2018.06.27 16:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ يىل 2-ئايدا «<ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى>نى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلدى.

  جايلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى تەلەپنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە قانداق مۇلازىمەت ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ؟ يېقىندا يېزا ئىگىلىك چوڭ ئۆلكىسى شەندۇڭدا نەق مەيدان زىيارىتى قىلدىم.

  ئەتراپتىكى كىشىلەر، ئەتراپتىكى ئىشلاردا قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش، ئەڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە

  باش يازدىكى شەندۇڭ ئۆلكىسىدە بارچە مەۋجۇدات جانلىنىپ، تولۇق تاشقان ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. ئاپتوموبىل چىڭداۋنىڭ شەرقىي شىمال قىسمىدىكى لەيشى شەھىرىگە كەلگەندە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىدا بۇغداي يېيىتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

  «لەيشىدا ھەق تەلەپ دېلوسىنىڭ %70تىن كۆپرەكى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدۇ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان دېلولارغا مۇۋاپىق قاراپ چىقىش لەيشىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشقا ئايلاندى» دېدى لەيشى شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جيې تونۇشتۇرۇپ. لەيشى سوت مەھكىمىسى «قانۇن ئارقىلىق يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش» خىزمەت ماركىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  لەيشى سوت مەھكىمىسى يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان دېلولاردا ئالدىن كېلىشىپ دېلو تۇرغۇزۇش، ئالدىغا بېرىپ دېلو تۇرغۇزۇش، توردا دېلو تۇرغۇزۇش قاتارلىق تېز، قولايلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، تېز دېلو تۇرغۇزۇپ، تېز سوتلاپ، تېز ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئالدىن قوبۇل قىلىپ، ئالدىن ساقلاپ، ئالدىن قاراپ چىقىپ، دېلو بېجىرىش دەۋرىيلىكىنى ئەڭ زور چەكتە قىسقارتىپ، دېلو بېجىرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ ئەرز قىلىش يۈكىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلەتتى. يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان دېلولارنى ئوتتۇرىچە قاراپ چىقىش دەۋرىيلىكى 18.5 كۈن قىسقاردى.

  جاڭ جيېنىڭ قارىشىچە، دېھقانلار دەۋالاشقاندا ئۇلاردىن دەرسلىك كىتابتىكىدەك دەلىل-ئىسپات كۆرسىتىش، يۈزلەشتۈرۈپ ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلماسلىق، دەۋاگەر بىلەن جاۋابكارنىڭ بايانىنى پاسسىپ ھالدا يۈزەكى ئاڭلىماسلىق، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئەھۋالىغا قويۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئادىللىقى-ھەققانىيلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەككەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر