باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئۈچ تارماق ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى

بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان ئىسپاتى مۇلازىمەت ھەققى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

2018.06.27 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن دائىمىي ئىشلار يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2018- يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان ئىسپاتى مۇلازىمەت ھەققىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى. دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان ئىسپاتى مۇلازىمەت ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ئوقۇش تارىخى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا رويخەتكە ئالدۇرۇلغان ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋاننى پىرىنسىپ جەھەتتىن توردا سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش يولغا قويۇلىدۇ.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىستۇدېنتلارنىڭ ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋان ئۇچۇر سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى دۆلەت سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئالماشتۇرۇش سۇپىسىغا ئۇلىغان ئىدى. كېيىنكى قەدەمدە، ئېلېكتىرونلۇق سۈرۈشتۈرۈش، ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت تەرتىپىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان ئىسپاتىغا بولغان سانلىق مەلۇمات سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئېھتىياجنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر