باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ باغراش كۆلىدە بېلىق تۇتۇش باشلاندى، بېلىق تۇتۇش بايرىمىدىكى «تۇنجى بېلىق» 38 مىڭ يۈەنگە تالاشتۇرۇپ سېتىلدى

2018.06.27 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «2000 يۈەن!»، «6000 يۈەن!»، «12000 يۈەن!».....«38000 يۈەن!!»... 6-ئاينىڭ 23-كۈنى، شىنجاڭ باغراش ناھىيەسىنىڭ باغراش كۆلى مەنزىرە رايونىدا، رىياسەتچىسىنىڭ قولىدىكى بولقىنىڭ ياغاچقا تەگكەن ئاۋازى بىلەن تەڭ پائالىيەت باشلىنىپ، «جۇڭگو باغراش كۆلى 10-نۆۋەتلىك بېلىق تۇتۇش بايرىمى»نىڭ «تۇنجى بېلىق»ى (چىپار سۇختا بېلىق، ئېغىرلىقى 15 كىلوگىرام، ئۇزۇنلۇقى 1.35 مېتىر) 38 مىڭ يۈەنگە تالاشتۇرۇپ سېتىلدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، «بەخت، نەپ، ئۆمۈر، ياخشى كۆرۈش، بايلىق»قا سىمۋول قىلىنغان بەش دانە «بەخت تىلەش بېلىقى»مۇ تالاشتۇرۇپ سېتىلدى، سېتىۋالغان ساياھەتچىلەر باغراش كۆلىنىڭ قۇت-بەختىدىن ئالغاچ كەتكەنلىكىدىن خۇش بولدى. شۇ كۈنى، باغراش كۆلىگە سېلىنغان تۇنجى توردا ئىككى توننىدىن ئارتۇق بېلىق تۇتۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئالتە بېلىق جەمئىي 166 مىڭ يۈەنگە سېتىلدى.

  «تۇنجى بېلىق»نى تالاشتۇرۇپ سېتىش ئەزەلدىن تارتىپ باغراش كۆلى بېلىق تۇتۇش بايرىمى پائالىيىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ، تالاشتۇرۇپ ساتقۇچى «تۇنجى بېلىق»قا قىزىل يىپەك رەخت چىگىپ، تالاشتۇرۇپ سېتىش جازىسىغا قويغاندا، تالاشتۇرۇپ سېتىشقا قاتناشقۇچىلار ۋە ساياھەتچىلەر بۇ بېلىقنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن بەس-بەس بىلەن باھا قويۇشىدۇ. چۈنكى «تۇنجى بېلىق» باي-باياشات ۋە خۇشاللىققا سىمۋول قىلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپلىگەن سۇ مەھسۇلاتلىرى سودىگىرى بالدۇرلا نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، «تۇنجى بېلىق»نى سېتىۋىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ، كېلىپ تاماشا قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىمۇ ئاز بولمايدۇ.

  باغراش كۆلىنىڭ بېلىق بايلىقى كەسپىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شۇ جايدىكى قانۇن چىقىرىش تارماقلىرى ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە باغراش كۆلىدە بېلىق تۇتۇشنى چەكلىگەن. بۇ ۋاقىت ئىچىدە، باغاش كۆلى رايونىدا تور يېيىش، قارماق تاشلاپ بېلىق تۇتۇش پائالىيەتلىرى چەكلىنىدۇ ۋە بۇ رايون تەۋەلىكىدىن سۇ مەھسۇلاتلىرى سېتىۋىلىش چەكلىنىدۇ. چەكلەش مەزگىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بېلىقچىلار چوڭ كۆلەمدىكى «كۆلنى ئېچىش» مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، تور يېيىپ بېلىق تۇتۇپ، بىر يىلنىڭ مولچىلىق ۋە توقچىلىق ئىچىدە ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر