باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پارتىيەنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا قىزىغان توي

2018.06.27 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىر زۆھرەگۈل ھامۇت، ئۆمەر قېيۇم خەۋىرى) 2018-يىل 6-ئاينىڭ 14-كۈنى شايار ناھىيەسىنىڭ قىزىلبايراق بازىرى ئاغۋاش كەنت ئەزاسى رەھمىتۇللا بىلەن خەيرىگۈلنىڭ ھاياتىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى. توي مەرىكىسى شايار ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن قىزىلبايراق بازىرى ئاغۋاش كەنتىگە چۈشكەن «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ ئەتراپلىق پىلانلىشى ئارقىسىدا، كەنت قورۇسى ئىچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  مەرىكىگە «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1-شۇجىسى رەيھانگۈل روزى رىياسەتچىلىك قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى قولغا كەلتۈرۈلگەن زور نەتىجىلەرنى شەرھلەپ، كەنت ئەزالىرىغا زامانىۋى مەدەنىيەتنى قۇبۇل قىلىپ، ئاددىي-ساددا توي مەرىكە ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەپ، ئۇمۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشكە چاقىردى، تويى بولغان بىر جۈپ قىز-يىگىتكە ئۆمۈرلۈك بەخت تىلەپ، 1000 يۈەن قىممىتىدىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سوۋغات قىلىپ، پارتىيە- ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى.

  كەنت ئەزالىرى بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ بەختىگە جۆر بولۇپ ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ، توينىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر