باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى بەش ئايدا، مەملىكەت بويىچە كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5 ئاشتى

سانائەت پايدىسىدا داۋاملىق ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلاندى

2018.06.28 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجڭىدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 27-ئىيۇن ئېلان قىلغان سانائەت كارخانىلىرىنىڭ مالىيە سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشچە، 2018-يىلى 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1-ئايدىن 4-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكىدىن 1.5 پىرسەنت پوئىنت تېزلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە 5-ئايدا %21.1 ئېشىپ، 4-ئايدىكى ئېشىش سۈرئىتىدىن 0.8 پىرسەنت پوئىنت ئاستىلاپ، تېز ئېشىش ۋەزىيىتىنى داۋاملىق ساقلىغان.

  كانچىلىق كەسپى پايدىسىنىڭ ئېشىش دەرىجىسى، ياسىمىچىلىق كەسپى ياراتقان پايدا ئومۇمىي سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولدى

  1-ئايدىن 5-ئايغىچە، كانچىلىق كەسپىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 233 مىليارد 360 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.6 ئېشىپ، پايدىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان. ئۇنىڭ ئارقىدا تۇرىدىغىنى ئېلېكتىر، تېرمودىنامىكا، يېقىلغۇ گاز، سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپى پايدىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بولۇپ، پايدا ئومۇمىي سوممىسى 181 مىليارد 460 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %26.1 ئاشقان. ياسىمىچىلىق ياراتقان پايدا ئومۇمىي سوممىسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، 2 تىرىليون 315 مىليارد 10 مىليون يۈەنگە يېتىپ، %13.8 ئاشقان.

  41 سانائەت چوڭ تۈر كەسپى ئىچىدە 31 كەسىپنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىپ، 10 كەسىپنىڭ ئازلىغان. 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، پايدىنىڭ ئېشىش مەنبەسى ئاساسلىقى پولات-تۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە خىمىيە سانائىتى قاتارلىق خام ئەشيالارنى پىششىقلاپ پايدىلىنىش كەسپىدىن كەلگەن. يېڭىدىن قوشۇلغان پايدىسى كۆپ كەسىپلەر ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە: نېفىت، تەبىئىي گازنى ئېچىش كەسپىنىڭ 2.6 ھەسسە ئاشقان؛ قارا مېتال تاۋلاش ۋە يېسسىلاش-پىششىقلاش كەسپىنىڭ پايدىسى 1.1 ھەسسە ئاشقان؛ مېتاللوئىد مىنېرال مەھسۇلاتلىرى كەسپىنىڭ %44.6 ئاشقان؛ خىمىيەلىك خام ئەشيا ۋە خىمىيەلىك بۇيۇملار ياسىمىچىلىقىنىڭ %27.7 ئاشقان؛ ئېلېكتىر، تېرمودىنامىكا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسىپلىرىنىڭ %27.8 ئاشقان. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى سانائەت مەھكىمىسىنىڭ دوكتورى خې پىڭ مۇنداق دېدى: بۇ بەش كەسىپنىڭ بارلىق كۆلەملىك سانائەت كارخانىلىرى پايدىسىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %70 كە يېقىنلىشىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، سانائەت كەسىپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پايدىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىكى پەرق چوڭىيىپ، بۆلۈنۈش ئەندىزىسى شەكىللەنگەن. مەسىلەن: ئوخشاشلا كانچىلىققا تەۋە بولسىمۇ رەڭلىك مېتال رۇدىسى قېزىش ۋە تاللاش كەسپىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.7 ئاشقان، لېكىن قارا مېتال رۇدىسى قېزىش ۋە تاللاش كەسپىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.3 تۆۋەنلىگەن؛ ئوخشاشلا رەڭلىك مېتال كەسپىگە تەۋە بولسىمۇ، بىرلەمچى قېزىش ۋە تاللاشنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.7 ئاشقان، لېكىن رەڭلىك مېتال تاۋلاش، يېسسىلاش ۋە پىششىقلاش كەسپىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.5 تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭدىن باشقا تۆمۈر يول، پاراخوت، ئاۋىياتسىيە ۋە باشقا تىرانسپورت ئەسلىھەلىرى ياسىمىچىلىقىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.1 تۆۋەنلىگەن، مەدەنىيەت-مائارىپ، ھۈنەر-سەنئەت، تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش بۇيۇملىرى ياسىمىچىلىقىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.2 تۆۋەنلىگەن، بۇلار ھەممىسى پايدىسى كۆپرەك تۆۋەنلىگەن كەسىپكە كىرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر