خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، جياڭسۇ جېنجياڭدىكى جىنشەن كوچىسى رۇنجۇ شەنلۇ مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار كونا ئالاقىلىشىش قوراللىرىنى بىرلىكتە كۆرگەزمە قىلدى.
شۇ كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى جېنجياڭ شەھىرى جىنشەن كوچىسى رۇنجۇ شەنلۇ مەھەللىسىدە «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىدا كونا نەرسىلەردىن يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە نەزەر» باش تېما پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى. پائالىيەتتە جياڭسۇ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەھەللىگە كىرىشكە تەكلىپ قىلىنىپ، ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە ئاشلىق بېلىتى، كىيىم تىكىش ماشىنىسى، چاقىرغۇ، قاپقاقلىق يان تېلېفون قاتارلىق كونا بۇيۇملارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بىرلىكتە ھېس قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى