باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق تارماقلار ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى

كىنو تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكى فىلىم ئىشلەش ھەققى ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بولۇش، ئىككى خىل توختام تۈزۈش، باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش قاتارلىق مەسىلىلەر تۈزىتىلىدۇ

2018.06.28 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى، دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، دۆلەت كىنو ئىدارىسى قاتارلىقلار بىرلىشىپ «ئۇقتۇرۇش» بېسىپ تارقىتىپ، كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىدىكى فىلىم ئىشلەش ھەققى ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بولۇش، ئىككى خىل توختام تۈزۈش، باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزەپ، فىلىم ئىشلەش ھەققىنىڭ نامۇۋاپىق بولۇشىنى كونترول قىلىپ، قانۇن بويىچە باج تاپشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە فىلىم ئىشلەش ھەققى ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بولۇش، ئىككى خىل توختام تۈزۈش، باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئاشكارىلاندى. بۇ مەسىلىلەر كىنو-تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنى ئىشلەش تەننەرخىنى ئۆستۈرۈپ، كىنو-تېلېۋىزىيە ئىجادىيىتىنىڭ ئومۇمىي سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىنىڭ ساغلام ئېكولوگىيەسىنى بۇزۇپلا قالماي، يەنە پۇلپەرەسلىك خاھىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى قارىغۇلارچە چولپان قوغلىشىشقا ئازدۇرۇپ، ئىجتىمائىي قىممەت قارىشىنى بۇرمىلايدۇ، چوقۇم ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ھەقىقىي تۈزەش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كىنو-تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنىڭ فىلىم ئىشلەش ھەققىنى ئىجرا قىلىش ئۆلچىمىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، ئارتىس ۋە مېھمانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى فىلىم ئىشلەش چېكىنى بېكىتىپ، ھازىرقى باسقۇچتا ھازىر بار بولغان بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەر بىر كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى، تور ئۈن-سىن نومۇرلىرىدىكى بارلىق ئارتىس، مېھمانلارنىڭ ئومۇمىي فىلىم ئىشلەش ھەققى فىلىم ئىشلەش ئومۇمىي تەننەرخىنىڭ %40تىدىن ئاشماسلىقى، ئاساسلىق ئارتىسلارنىڭ فىلىم ئىشلەش ھەققى فىلىم ئىشلەش ئومۇمىي ھەققىنىڭ %70تىن ئاشماسلىقى كېرەك. كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىگە مەسئۇل تارماقلار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كىنو-تېلېۋىزىيە چولپانلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىسى، ئاتا-بالا تۈرىدىكى پىروگرامما قاتارلىقلارغا قاتنىشىشنى تەڭشەپ، تور ئۈن-سىن نومۇرلىرىنى تەستىقلاش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى، تور ئۈن-سىن نومۇرلىرىنىڭ فىلىم ئىشلەش توختامىنى باشقۇرۇشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، باج ئوغرىلاش، باجدىن قېچىش قىلمىشىنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، كىنو-تېلېۋىزىيە ئىشلەش ئاپپاراتى، كىنوخانا، ئالاقە تورى ئۈن-سىن تور پونكىتى، پۇقراۋى كىنو-تېلېۋىزىيە تارقىتىپ قويۇش شىركەتلىرىنىڭ غەرەزلىك رىقابەتلىشىشىگە، كىنو-تېلېۋىزىيە نومۇرلىرىنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈپ سېتىۋېلىشىغا بولمايدۇ، يۇقىرى باھا بىلەن چولپانلارنى تەكلىپ قىلىش، چولپانلار رىقابىتى قىلىشتەك ناچار ئەھۋاللارنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك. ھۆكۈمەت مەبلىغى، باج كەچۈرۈم قىلىنغان جامائەت پاراۋانلىق فوندى قاتارلىقلار كۆڭۈل ئېچىش، سودا خاراكتېرى كۈچلۈك كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە تور ئۈن-سىن نومۇرلىرىغا مەبلەغ سېلىشقا قاتناشماسلىقى، فىلىم ئىشلەش ھەققىنىڭ ئۆسۈشىگە سەۋەبچى بولماسلىقى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر