باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى

«بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا سودا ئىشلىرىدىكى تالاش - تارتىشنى ھەل قىلىش مېخانىزمى ۋە ئاپپاراتى قۇرۇلىدۇ

2018.06.28 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 2018 - يىلى 23-يانۋار مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «<بىر بەلباغ، بىر يول> خەلقئارا سودا ئىشلىرىدىكى تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش مېخانىزمى ۋە ئاپپاراتى قۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى داۋامىدا پەيدا بولغان سودا ئىشلىرىدىكى تالاش-تارتىشنى قانۇن بويىچە جايىدا تۈگىتىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى باراۋەر قوغداپ، تىرىشىپ ھەققانىي، ئادىل سودا مۇھىتى يارىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇن يۈرگۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر