- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلدى
دېھقانلارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئەتىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلايلى
2018.06.28 15:19 مەنبە: خەلق تورى
يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىگە چېتىلىدىغان چوڭ ئىش. جىلىن، جياڭسۇ، شەندۇڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرى قاتارلىق 50 نەچچە شەھەر، تيەنجىن شەھىرىنىڭ ۋۇچىڭ رايونى قاتارلىق 150 ناھىيە(شەھەر، رايون) يېقىندا 2018-يىللىق يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان ئورۇن قىلىپ بېكىتىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش يەنىمۇ كېڭەيتىلدى.
كېلەر يىلنىڭ ئاخىرىغىچە يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ئاساسى ئاساسىي جەھەتتىن ئېنىقلىنىدۇ
مۈلۈكنى ئېنىقلاپ، مەبلەغ بېكىتىش ئەھۋالىنى تولۇق ئىگىلەش، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ تۇنجى مەيدان قاتتىق ئۇرۇشى. مەركەز جايلاردىن مۈلۈكنى ئېنىقلاپ، مەبلەغ بېكىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھوقۇق تەۋەلىكى مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاپ، كوللېكتىپ مۈلۈكنى ياخشى باشقۇرۇپ، 2019-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە مۈلۈكنى ئېنىقلاپ، مەبلەغ بېكىتىش تەلىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاشنى تەلەپ قىلدى. بۇنىڭغا قارىتا، يېزا ئىگىلىك-يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، مەركەز يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەن جۈن مۇنداق دېدى: بۇ خىزمەتنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئاساسلىقى ئۈچ جەھەتتىن ئويلىشىش كېرەك.
بىرىنچى، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالدى بىلەن قانچىلىك مۈلۈك بارلىقىنى، بۇ مۈلۈكلەرنىڭ كىمگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش كېرەك. بۇ مەسىلە ئايدىڭلاشمىسا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتقىلى بولمايدۇ ھەم نۇرغۇن زىددىيەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.
ئىككىنچى، يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنى ئېنىقلاپ، مەبلەغ بېكىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، بۇ ئاساستا كوللېكتىپ مۈلۈكنى پايغا سۇندۇرۇپ مىقدارلاشتۇرۇش، ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئائىلىلەرگىچە بېكىتىش دېھقانلارنىڭ مۈلۈك خاراكتېرلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، دېھقانلارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ھەقىقىي قوغداپ، دېھقانلارنى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەرەققىيات نەتىجىسىدىن بەھرىلەندۈرىدۇ.
ئۈچىنچى، مۈلۈكنى ئېنىقلاپ، مەبلەغ بېكىتىشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، كوللېكتىپ مۈلۈكنى تىزىملاش، ساقلاش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش تۈزۈملىرىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسى قۇرۇشنى تېزلىتىش «كىچىك ئەمەلدار چوڭ خىيانەت قىلىش» ۋە «مىكرو چىرىكلىك»نى تۈزۈم جەھەتتىن توسۇپ، يېزا كوللېكتىپ مۈلكىنىڭ ئادىل يۈرۈشۈشىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. ھازىر، قىسمەن جايلاردا يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى مەۋھۇم بولۇش، ھېسابات ئېنىق بولماسلىق، تەقسىماتنى ئاشكارىلىماسلىق، باشقۇرۇش ئېنىق بولماسلىق، كوللېكتىپ مۈلۈكنى ئىشلىتىۋېلىش، سوقۇۋېلىش، قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشتەك مەسىلىلەر ساقلانماقتا، دېھقانلارنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىنكاسى ئىنتايىن كۈچلۈك، تېزدىن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر