خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلىمىز شىچاڭ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە ئۇزۇن سەپەر 2- نومۇرلۇق B توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق يېڭى تېخنىكىنى سىناق قىلىش قوش سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى، سۈنئىي ھەمراھ ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا كىردى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭى تېخنىكىنى سىناق قىلىش قوش سۈنئىي ھەمراھى ئاساسلىقى سۈنئىي ھەمراھلار ئارا زەنجىرسىمان لىنىيە گۇرۇپپىسى تورى ۋە يېڭى تىپتىكى يەر شارىنى ئۆلچەش تېخنىكا تەجرىبىسىنى قانات يايدۇرۇدىكەن.
بۇ قېتىملىق ۋەزىپە ئۇزۇن سەپەر يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتالىرىنىڭ 278-قېتىملىق ئۇچۇشى ھېسابلىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى