باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماتېۋېنكو بىلەن كۆرۈشتى

2018.07.05 16:51   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماتېۋېنكو بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئىيۇل خەلق سارىيىدا رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ماتېۋېنكو بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ ماتېۋېنكوغا پۇتىن زۇڭتۇڭغا سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن ئايدا، زۇڭتۇڭ پۇتىن جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى، بىز بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. مەن زۇڭتۇڭ پۇتىنغا جۇڭگونىڭ تۇنجى «دوستلۇق ئوردېنى»نى بەردىم، بۇ ھەم جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مەن بۇ ئايدا جەنۇبىي ئافرىقا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلار ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر كۆرۈشۈشكە تەقەززامەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ چوڭ دۆلەتلەر، قوشنا دۆلەتلەر ئالاقىسىگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى. بۇ يىل ئىككى دۆلەت ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىچكى مۇھىم سىياسىي قارالمىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ باي، قۇدرەتلىك بولۇشى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا پۇختا قەدەم باستى، شۇنداقلا جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە ئۇزاققىچە ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلاشقا پۇختا ئاساس سالدى. بىز ئىككى تەرەپنىڭ پىشىپ يېتىلگەن، مۇستەھكەم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ ۋە قوغداپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قىلچە تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغداشنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللاپ، خەلقئارا ئىشلار ۋە دۇنيانى ئىدارە قىلىشقا پائال قاتنىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا مۇھىم تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ھاسىل قىلغان تۈرلۈك ھەمكارلىق ئورتاق قاراشلىرىنى ئەستايىدىل، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەمكارلىق ئىدىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، ھەمكارلىق ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تۈرلۈك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر