باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: كەڭ ياشلارغا ۋەكىللىك قىلىپ، كەڭ ياشلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەڭ ياشلارغا تايىنىپ، كەڭ ياشلارنى ئارزۇسى بولۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان، ئارزۇسىغا ئىنتىلىشكە جۈرئەت قىلىدىغان، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشىدىغان قىلىش كېرەك

2018.07.03 16:38   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ: كەڭ ياشلارغا ۋەكىللىك قىلىپ، كەڭ ياشلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەڭ ياشلارغا تايىنىپ، كەڭ ياشلارنى ئارزۇسى بولۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان، ئارزۇسىغا ئىنتىلىشكە جۈرئەت قىلىدىغان، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشىدىغان قىلىش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 2-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدە جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ياش ئەۋلادلار غايىلىك، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان بولسا، دۆلەت ئىستىقباللىق بولىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ. كەڭ ياشلارغا ۋەكىللىك قىلىش، كەڭ ياشلارنى قولغا كەلتۈرۈش، كەڭ ياشلارغا تايىنىش پارتىيەمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز غەلىبىسېرى ئىلگىرىلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى ئاخىرقى ھېسابتا ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشى داۋامىدا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. يېڭى دەۋردىكى ياشلار خىزمىتىدە پارتىيە رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئۇنى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئاساسىي تېمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، خىزمەتلەرگە باشتىن – ئاخىر سىڭدۈرۈپ، كەڭ ياشلارنى ئارزۇسى بولۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان، ئارزۇسىغا ئىنتىلىشكە جۈرئەت قىلىدىغان، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشىدىغان قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كوللېكتىپ سۆھبەتكە قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نەچچە كۈن ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 18-قۇرۇلتىيى يېپىلدى. قۇرۇلتايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلەپلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئۆتكەن بەش يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسىلىنىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، قارالمىلار ئورۇندالدى. مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سايلانغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى پوزىتسىيەسى قەتئىي، ئىشەنچى مۇستەھكەم، كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ، ئىرادىسى كۈچلۈك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىلەردىن ناھايىتى زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ. سىلەرنىڭ باشلامچىلىق بىلەن نەزەرىيە ئۆگىنىپ، ئېتىقادىڭلارنى چىڭىتىپ، سىياسىينى تەكىتلەپ، قاتتىق تەلەپچان بولۇشۇڭلارنى، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىستىلىڭلارنى ئۆزگەرتىپ، قائىدىگە ئەمەل قىلىشىڭلارنى، يېڭى دەۋردىكى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممەڭلەرگە ئېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىلدا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىيۋىلىك، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى ساقلاش ۋە كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، ياشلارنى تەشكىللەپ يېتەكلەش، ياشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە زور خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ روھىي قىياپىتىدە يېڭى كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر