ساياھەتچىلەر فەنجىڭشەن تېغىدا تاماشا قىلماقتا (2017-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، بەھرەيىننىڭ مانامادا ئۆتكۈزۈلگەن 42-نۆۋەتلىك دۇنيا مىراسلىرى يىغىنىدا، ب د ت مائارىپ، پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيا مىراسلىرى كومىتېتى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسى توڭرىن شەھىرىدىكى فەنجىڭشەن تېغىنى دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ماقۇللىدى. فەنجىڭشەن تېغى جۇڭگونىڭ 53-قېتىملىق دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى ۋە 13-قېتىملىق دۇنيا تەبىئىي مىراسى بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى