باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيەنىڭ داڭلىق ماركىلىرى جۇڭگونىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا يىلىنىڭيىل ئوتتۇرىسىدىكى مال سېتىۋېلىش بايرىمىدا ئالقىشقا ئېرىشتى

2018.07.02 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق سودا ماگناتى «ئەلى بابا گۇرۇھى» يېقىندا توكيودا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەمدىلا ئاخىرلاشقان تيەنماۋ «618» يىل ئوتتۇرىسىدىكى مال سېتىۋېلىش بايرىمىدا، ياپونىيەنىڭ داڭلىق ماركىلىرى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدا دۆلەت ئايرىمىسى بويىچە سېتىش چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تيەنماۋ مال سېتىۋېلىش بايرىمىدا، ياپونىيەنىڭ داڭلىق ماركىلىرىنىڭ سېتىش سوممىسى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %80 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، تيەنماۋ خەلقئارالىق سودىدا ياپونىيە داڭلىق ماركىلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %225 ئاشقان. ياپونىيەنىڭ تۈرلۈك تاۋارلىرى ئىچىدە، ھۆسن تۈزەش مەھسۇلاتلىرى ۋە بوۋاقلار بۇيۇمى ئەڭ يۇقىرى ئالقىشقا ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، گىرىم سۈيىنىڭ سېتىلىش سوممىسى بۇلتۇرقىدىن 8 ھەسسىسىدىن يۇقىرى بولغان بولۇپ، قەغەز زاكىنىڭ سېتىلىش سوممىسى ئۆتكەن يىلقىنىڭ ئىككى ھەسسىسى بىلەن تەڭ بولغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئەلى بابا گۇرۇھى پارچە سېتىشنىڭ يېڭىچە ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇ يىل تيەنماۋنىڭ يىل ئوتتۇرىسىدىكى مال سېتىۋېلىش بايرىمىدا ئىلگىرىكى توردا سېتىش مەركەز قىلىنغان ئەندىزىسىدىكى توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىشنى بىرلەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، رەقەملىك ئۈسكۈنە، پەرداز بۇيۇملىرى، يېمەكلىكلەر ۋە كىيىم-كېچەك قاتارلىقلارنىڭ سېتىلىش سوممىسى زور دەرىجىدە ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر