باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، تەرەققىيات مۇھىتىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ زور چەكتە ئۇرغۇتۇش كېرەك

خەن جېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.06.29 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن 28-ئىيۇن مەملىكەت بويىچە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم سۆز قىلدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىدىن سۈن چۈنلەن، خۇ چۈنخۇا، ليۇ خې، دۆلەت كومىسسارى ۋېي فېڭخې، ۋاڭ يۇڭ، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاۋ كېجى يىغىنغا قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتى ___تىغ ئۇچى ئىچىگە قارىتىلغان ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى ئۈستىدىكى ئىنقىلابى بولۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. ئۆتكەن بەش يىلدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىدىن ئىبارەت بۇ قىيىن مەسىلىنى باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ھالقىلىق تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانا ۋە ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق چارىگە ئايلاندى.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كەلگۈسى بەش يىلدا، خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رىقابەت يېڭى ئۈستۈنلىكىنى يارىتىش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى قاندۇرۇشتا چوقۇم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ بازار بايلىقىنى بىۋاسىتە تەقسىملىشى ۋە بازار پائالىيىتىگە بىۋاسىتە ئارىلىشىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەمەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان سودا مۇھىتى يارىتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر