باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو «جۇڭگو بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتى»نىڭ ئاق تاشلىق كىتابىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلدى

2018.06.29 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 28-ئىيۇن «جۇڭگو بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتى»دېگەن ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى. بۇ جۇڭگونىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا تۇنجى قېتىم ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

  جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندە بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسەتكەنلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپ سودا تۈزۈلمىسى قۇرۇلۇشىغا قاتناشقاندىكى پىرىنسىپ مەيدانى ۋە سىياسەت تەشەببۇسىنى، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتىنى شەرھلەش ئۈچۈن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئالايىتەن بۇ ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

  ئاش تاشلىق كىتابنىڭ ئومۇمىي تېكىستى 12 مىڭ خەت ئەتراپىدا بولۇپ، كىرىش سۆز، خاتىمىدىن باشقا ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش ۋەدىسىگە ھەقىقىي ئەمەل قىلىشى، جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپ سودا تۈزۈلمىسىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇشى، جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن دۇنياغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسى، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشىدىن ئىبارەت تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن.ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگونىڭ 2001-يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا چوڭقۇر قاتنىشىشتىكى ئابىدىسى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ تارىخىي يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن. جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بۇيان، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ تەرەپ سودا قائىدىسى بىلەن ئۇدۇللىشىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، مال ۋە مۇلازىمەتنى ئېچىۋېتىش ۋەدىسىگە ھەقىقىي ئەمەل قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقى، ئېنىقلىقى، ئالدىن كۆرەرلىكىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، كۆپ تەرەپ سودا تۈزۈلمىسىنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرۈشۈشىگە پائال تۆھپىلەرنى قوشتى.ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو كۆپ تەرەپ سودا تۈزۈلمىسىنى باشتىن-ئاخىر قەتئىي قوللاپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە تولۇق قاتنىشىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئەزالىرىغا تېخىمۇ غەمخورلۇق قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تەرەپلىك ۋە قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇپ، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىللە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىسادىنى دۇنياۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر