28- ئىيۇن، كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىلىقىنىڭ باشلىقى سۇڭ يۇڭۋۇ (ئوڭدا) زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سۇڭ يۇڭۋۇ 28- ئىيۇن زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتىس بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: بۇنىڭدىن كېيىن، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، كورىيە بىلەن ئامېرىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كورىيە ئارمىيەسى تەرەپنىڭ ئامېرىكىنىڭ قولىدىن ئۇرۇش مەزگىلىدىكى قوماندانلىق ھوقۇقىنى بالدۇرراق قايتۇرۇۋېلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى