باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستان، تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ ئىراننى جازالاشقا ئاۋاز قوشۇشنى رەت قىلدى

پەقەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى تونۇيمىز!

2018.06.29 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستان ئەمەلدارى 27-ئىيۇن مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ ئىراننى جازالاش تەدبىرىگە قارشى تۇرغان دۆلەتلەرنىمۇ قوشۇپ چەكلەش تەدبىرىنى ئېتىراپ قىلمايمىز. تۈركىيە ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن نېفىت ئېكىسپورت قىلىشنى چەكلەش تەدبىرىنى ئېتىراپ قىلمايمىز.

  ھىندىستان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مىنىستىرلىقى خەلقئارا ھەمكارلىق بىرلەشمىسىنىڭ كاتىپى سۈنجاي سۇدىر شۇ كۈنى ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى مالىيە-ئىقتىساد قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ھىندىستان ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى ئازايتامدۇ» دېگەن سوئالغا قارىتا، سۇدىر مۇنداق دېدى: ھىندىستان تاق تەرەپلىمىلىك چەكلەشنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، پەقەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يۈرگۈزگەن چەكلەشنىلا ئېتىراپ قىلىدۇ.»

  ئۇ مۇنداق دېدى: ھىندىستان ھازىرغا قەدەر ئىراننىڭ نېفىت قارالمىسى ئۈستىدە، ئامېرىكا بىلەن رەسمىي تۈردە ئالاقىلاشمىدى.

  ئامېرىكا گوۋۇيۈنىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى 26-ئىيۇن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا نۆۋەتتە بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بۇ يىل 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن بۇرۇن ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، ئامېرىكا ئامېرىكىنىڭ چەكلەش بۇيرۇقىغا قارشى تۇرغان دۆلەتلەرنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ. ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى مالىيە-ئىقتىساد قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تەدبىر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد ترامپنىڭ 5-ئايدا ئىران يادرو مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشى ۋە چەكلەشنى قايتا قوزغىتىشىدىن كېيىن، ئىرانغا قوللانغان تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيەسى ئىكەن.

  ھىندىستان ھۆكۈمەت تورى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىران ئىراق ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن قالسا 3-چوڭ نېفىت بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەت ئىكەن.

  ئامېرىكا ئاقىل ئامبىرى ياۋرو-ئاسىيا گۇرۇھىنىڭ 27-ئىيۇندا ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتىدا كۆپلىگەن تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ھىندىستان نۆۋەتتە ھەر كۈنى ئىراندىن 700 مىڭ تۇڭ نېفىت سېتىۋالىدىكەن. كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، ھىندىستان نېفىتنى ناھايىتى مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر تۈرلۈك بايلىق، دەپ قارايدىكەن.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: ھىندىستاننىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى يەنە داۋاملىق ئىراندىن نېفىت ئىمپورت قىلىشى مۇمكىن.تۈركىيە ھۆكۈمىتى 27-ئىيۇن ئوخشاشلا پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قوللانغان چەكلەش تەبىرىگە ئاۋاز قوشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ تۈركىيە ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زىبىقچىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق خەۋەر قىلغان: ناۋادا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ قارالما ئۈستىدا قارار چىقارسا ياكى چەكلەش قوللانسا، تۈركىيە بۇنىڭغا رىئايە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە پەقەت ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنىلا ئويلىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر