باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جېڭ دېرۇڭ قاتارلىق يەتتە يولداشقا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دېگەن نامنى بېرىش توغرىسىدىكى قارارى

(2018-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى)

2018.07.02 09:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ ياراتماقتا. ئېتىقادى مۇستەھكەم، پارتىيەگە سادىق، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، نەتىجە يارىتالايدىغان، ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلىيەلەيدىغان يېڭى دەۋردىكى تىپلارنى زور كۈچ بىلەن تەقدىرلەپ ۋە تەشۋىق قىلىپ،بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈشكە، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ دەۋرگە، خەلققە، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جېڭ دېرۇڭ، جۇڭ ياڭ، لى چۈەنشىن، شۈ شۈەي، جياڭ شىكۈن، جاڭ جىن، جاڭ چاۋ قاتارلىق يەتتە يولداشقا «مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى» دېگەن نام بېرىشنى قارار قىلدى.

  جېڭ دېرۇڭ قاتارلىق يەتتە يولداش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئۈلگىلىك ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچلىرى، يېڭى دەۋر جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەڭگۈ كۈرەش قىلىشىنىڭ شانلىق ئۈلگىلىرى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئېتىقادى مۇستەھكەم بولۇش، پارتىيەگە ئۆزىنى بېغىشلاپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىشتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن نەمۇنىچىلار. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۇلاردىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلدى. ئۇلارغا ئوخشاش «تۆت ئىشەنچ»نى مۇستەھكەملەپ، «ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئەلا» دېگەندە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىزم ئۇلۇغ غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادچىسى ۋە سادىق ئەمەلىيەتچىسى بولۇش كېرەك. ئۇلارغا ئوخشاش پارتىيەگە قەتئىي سادىق بولۇپ، باشتىن-ئاخىر پارتىيەنى سۆيۈپ، پارتىيەگە ئىشىنىپ، پارتىيەنى ھىمايە قىلىپ، پارتىيەگە ئويلاپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تىكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ئۇلارغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، رولىنى جارى قىلدۇرۇپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئادەتتىكى چاغلاردا قاراپ بىلەلەيدىغان، ھالقىلىق پەيتتە بۆسۈپ چىقالىشى كېرەك. ئۇلارغا ئوخشاش تۈپ مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى باشتىن-ئاخىر ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەشنى خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن ئىشىنى ھەل قىلىپ بېرىش كېرەك. ئۇلارغا ئوخشاش ئەخلاق مىزانىدا چىڭ تۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، پاك -دىيانەتلىك بولۇپ، توغرا كەيپىيات، دۇرۇس ئىستىلنى باشلامچىلىق بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر